ئامىرىكا شىمالى كالورىنا شىتاتىدىكى 48 ياشلىق بىر ئەر يېقىندا، ئايالىنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ "ئۈچىنچى شەخس" ئەرگە تىلفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئايالىدىن يېراق تۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسمۇ، "ئۈچىنچى شەخس" بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان، تېخى يەنە ئايالى بىلەن ئۇچۇق-ئاشكارە ئۆي ئىجارە ئېلىپ بىرگە تۇرغان. ئايالىنى چوڭقۇر سۈيىدىغان بۇ ئەر، ئايالىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىماي، ئۇلارنى ئىزدەپ بارغاندا، ئۈچىنچى شەخىس تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. چىدىغۇچىلىكى قالمىغان بۇ ئەر ئۈچىنچى شەخىسنى سوتقا ئەرز قىلغاندا، سوت مەھكىمىسى ئۈچىنچى شەخس بۇ ئەرگە 8 مىليون 800مىڭ ئامىرىكا دوللىرى( تەخمىنەن 60 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ) تۆلەم تۆلىشى كىرەك دەپ ھۆكۈم چىقارغان.

سول تەرەپتىكىسى كىڭ، ئوڭ تەرەپتىكىسى ئۈچىنچى شەخىس ھۇيزار
ئامىرىكا شىمالى كالورىنا شىتاتىلىق كىڭ، ۋەلىسپىتتە ماھارەت كۆرسىتىش شىركىتىنىڭ خوجايىنى بولۇپ، 2010-يىلى شىركىتىدە ئايالى دانىيال بىلەن تونۇشقان؛ ئىككەيلەن توي قىلغىلى 8 يىل بولغان بولۇپ، 5 ياشقا كىرگەن بىر قىزى بار ئىدى. ئەمما گۈزەل چاغلار ئۇزۇنغا بارمىدى؛ ئۇلارنىڭ تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشى نەچچە يىل داۋاملاشمايلا، ئۈچىنچى شەخسىنىڭ سوقۇنۇپ كىرىشى ئاستىدا نامدىلا ساقلانغان ھالەتكە ئايلىنىپ قالدى.
2015-يىلى دانىيال نىيوركتىكى ۋەلىسپىت كۆرگەزمىسىدە ، سېتىش دىرىكتورىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋەتقان ھۇيزار بىلەن تونۇشتى؛ ھۇيزارنىڭ توختىماي قوغلىشىشى ئاستىدا، ئىككەيلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. كىڭ يېقىندا ئۆيىدىكى تىلفون ھىسابات تالۇنىدىكى ئۇزۇن ۋاقىت سۆزلەشكەن ناتۇنۇش تېلفون خاتىرسىنى بايقىغاندىن كىيىن، ئايالى دانىيالنىڭ تالاغا قارىغانلىقى ئاشكارىلىنىپ چىقتى. كىڭ ئەھۋالنى بايقىغاندىن كىيىن، ھۇيزارغا تېلفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئايالىدىن يېراق تۇرىشىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ھۇيزار كىڭنىڭ گەپلىرىگە قولاق سالمايلا قالماي، تېخى ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇردى.

ئىرى بىلەن ئاشنىسىنى سوتقا چىقىپ قارشىلىشىشقا سالغان دانىيال
كىڭنىڭ ئاچچىقىنى ھەممىدىن بەك كەلتۈرىدىغان ئىش، 2017-يىلى يۈز بەردى؛ ئايالى دانىيال بىلەن ئۈچىنچى شەخىس ھۇيزار بىرلىكتە ئۆي ئىجارە ئېلىپ، ئۇچۇق-ئاشكارە بىللە تۇردى. بۇ جەرياندا كىڭنىڭ كۆڭلى گەرچە ئىنتايىن چوڭقۇر ئازار يىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئايالىنى يەنىلا ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئايالىنى قايتۇرۇپ كىلىشكە تىرىشقان. كىڭ ئايالىغا "سىز مىنىڭ ئايالىم، سىز راستىنلا مىنى تاشلاپ كەتمەكچىمۇ؟" دەپ ،ئۇنىڭ ئۆز يېنىغا قايتىپ كىلىشىنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇرغاندا، ئۇيلىمىغان يەردىن ھۇيزار تەرپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان.
بۇ ئىش ئاخىرى سوتقا بېرىپ تاقالغان؛ ئىگىلىنىشچە، شىمالى كالورىنا شىتاتى ئامرىكىدىكى ئاز ساندىكى قانۇنلۇق جۈپتىنىڭ تالاغا قارىشى ئۈستىدە ئەرز سۇنۇشقا بولىدىغان بىر نەچچە شىتاتنىڭ بىرسى. يېقىندا شۇ جايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، ھۇيزارنى كىڭغا 8مىليون800مىڭ ئامىرىكا دوللىرى(تەخمىنەن 60 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ) تۆلەم تۆلەشكە بۇيرىغان. ئەمما كىڭمۇ بۇ ھۆكۈم سەۋەپلىك، ئايالىنى قايتۇرۇپ كىلىش مۇمكىنچىلىكىنى يوقاتقان.

"ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئائىلەمنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولۇشىنى ھېچكىم بەلگىلىيەلمەيدۇ."، كىڭ بۇ ھۆكۈمدىن نارازى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئادوۋكاتى فولنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ھۇيزار پەيدا بولمىغان بولسا، كىڭ ۋە دانىيال بۇ بىر جۈپ ئەر خوتون يەنىلا ناھايىتى بەخىتلىك ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق تالاش تارتىشتا يېڭىپ چىققۇچى بولمىغان.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 20-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايالنىڭ سەككىز تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلاپ نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىكى سۈ

ئادەتتە ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش يىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن ئايالىڭىزنىڭ ياكى قىز دوستىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ق

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ، بىراق ئەگەر بىرەرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەببى

كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ. بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر رەسسام بار؛ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى كۆپىنچىس

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

ھەرقانداق بىر قىزبالا، ئكزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتىدا توي كىيىمى كىيىپ، ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ياتلىق بولۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر چوڭقۇر مۇھەببە

بۇ بازاردا، %10تىن ئارتۇق ئايال قوشكىزەككە ھامىلدار بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بالىلارنىڭ قوشكىزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋيىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغر

ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号