ئەرلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۇرمۇش رىتىمى كۈنسېرى تېزلىشىپ، بېسىم بارغانسېرى ئېغىرلاپ، ھېرىپ-چارچاش زىيادە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يېمەك-ئىچمەك، ئولتۇرۇپ-قوپۇشتىكى قالايمىقانچىلىق ئەرلەرنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. تۆۋەندە، ئەرلەر ساغلاملىقىدىكى چوقۇم دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان 3 پەرھىزنى سۆزلەپ بېرىمىز.

1. كېيىنىشتىكى پەرھىز- تار ئىشتان كېيىشكە بولمايدۇ.
ھازىرقى ئەرلەر بولۇپمۇ ياشلار تار ئىشتانلارنى كېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما، تار ئىشتاننىڭ ئۇرۇقدانغا بولغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، دائىم تار ئىشتان كېيىگەندە ئۇرۇقداننىڭ ئۆز تېمپېراتورىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىپ، پەرزەنت كۆرەلمەسلىكىنى يەنى ئەرلەردىكى تۇغماسلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇرۇقدان ئەرلەر بەدىنىنىڭ سىرتىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇرۇقداننى ئوراپ تۇرغان ئۇرۇقدان خالتىسى (تاش بۆرەك، تاشاق) توختىماي ئۇرۇقداننىڭ تېپمۇراتورىسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئۇرۇق ئادەتتە بەدەن ھارارىتىدىن 2 گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەن بولغان مۇھىتتا ساقلىنىپ تۇرالايدۇ. شۇڭا، ئۇرۇقداننىڭ ھارارىتى 35 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇشنى ساقلىغاندا ئاندىن نورمال ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرالايدۇ ۋە ئۇرۇق ھاياتى كۈچكە تولالايدۇ. ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتورىسى يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، ئۇرۇقداننىڭ ئىقتىدارىغا زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
2. يېمەك-ئىچمەكتىكى پەرھىز- قېنىق چاي، قەھۋە، كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ.
قېنىق چاي، قەھۋە، ھاراق ۋە كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئەرلەر كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ. قېنىق چاي تەركىبىدىكى تېئامىن قاتارلىق تەركىبلەر مەزى بېزىنى غىدىقلاپ، مەزى بېزى قان تومۇرلىرىنىڭ سېزىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى قايتا قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قېنىق چاينى كۆپ ئىچكەندە، مەزى بېزى شۇنچە ئوڭاي ياللۇغلىنىدۇ.
قەھۋە تەركىبىدىمۇ مەزى بېزىنى غىدىقلايدىغان تەركىبلەر بار بولۇپ، مەزى بېزىنىڭ يوغىناپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قەھۋەنى كۆپ ئىچكەن ئەرلەردە سۈيدۈك راۋان ئەمەستەك، سىيىپ تولۇق چىقىرىپ بولالمىغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.
گاز ئۇرۇلغان كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنىڭ تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار يوقنىڭ ئورنىدا بولغاننىڭ ئۈستىگە بۇ ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى كىسلاتالىق تەركىبلەر ئورگانزىمنى بىر خىل كىسلاتالىق مۇھىتقا باشلاپ كىرىپ، ئەرلەردىكى مەنى سۇيۇقلۇقنىڭ ئىشقارلىق مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، كاربونلۇق ئىچىملىكلەردىكى خۇرۇچلار، چىرىشتىن ساقلىغۇچى تەركىبلەر ئورتاق تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن.
ھاراققا كەلسەك، ئىسپېرىت ئوڭايلا بەزلەرنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەرلەردىكى ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ھۈجەيرىلەرنى زەخىملەندۈرۈپ، ئەرلىك ھورموننىڭ ھاسىل بولۇشىنى چەكلەپ، ئەرلىك ھورموننىڭ ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ چېكىنىشى ھەتتا ئەرلىك ئاجىزلىقنى پەيدا قىلىدۇ.
3. ئولتۇرۇپ-قوپۇشتىكى پەرھىز- كۆپ ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.
ئۇزاق ئولتۇرۇش ئىنتايىن ناچار ئادەت بولۇپ، ئەرلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەسىرى ئەجەللىكتۇر. ئوبۇرنىدا ئولتۇرۇپ يانفون ئويناش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلار ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. بۇندىن باشقا ئىشخانىدا ئۇزاق ئولتۇرۇش، كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق ۋاقىت ماشىنا ھەيدەش، قەرت ئويناش، ئۇزاق ۋاقىت ۋېلسىپىت ھەيدەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەرلەردىكى ئەۋرەت قىسىمىدا قان تولۇپ، گېمورروي ۋە مەزى بېزى ياللۇغىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
مەيلى خىزمەت، مەيلى ماشىنا ھەيدەش ۋەباشقا سەۋەب تۈپەيلى ئۇزاق ئولتۇرغاندا چاتراق بېسىلىپ، مۇشۇ دائىرىدىكى قان ئايلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مۇشۇ دائىرىنىڭ ھارارىتى ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئامىللار ياللۇغلىنىش ۋە ئۇرۇق سان-سۈپىتى تۆۋەنلەشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 20-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايالنىڭ سەككىز تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلاپ نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىكى سۈ

ئادەتتە ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش يىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن ئايالىڭىزنىڭ ياكى قىز دوستىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ق

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ، بىراق ئەگەر بىرەرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەببى

كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ. بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر رەسسام بار؛ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى كۆپىنچىس

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

ھەرقانداق بىر قىزبالا، ئكزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتىدا توي كىيىمى كىيىپ، ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ياتلىق بولۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر چوڭقۇر مۇھەببە

بۇ بازاردا، %10تىن ئارتۇق ئايال قوشكىزەككە ھامىلدار بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بالىلارنىڭ قوشكىزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋيىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغر

ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号