تۇرمۇش ۋە مەئىشەت ئەرلەر بىلەن خوتۇنلار ئارىسىدا ئورتاق بىر ئىش بولغىنى ئۈچۈن، خوتۇنلار توغرىسىدا يازغىنىمىزدەك، ئەرلەر توغرىسىدىمۇ ئاز-تولا گەپ قىلماق لازىمدۇر. شۇڭا، بۇماۋزۇدا ئەرلىرىمىز ھەققىدە مۇنازىرە قىلىمىز.
ئەرلەرنىڭ ئەقىلىي، جىسمانىي قۇۋۋىتى خوتۇنلاردىن ئارتۇقلۇقىدا شۈبھە يوقتۇر. شۇنداق ئىكەن، دۇنيا ۋە تىرىكچىلىكنىڭ ئەڭ ئاچچىق-چۈچۈكلىرىگە نىسبەتەن زەئىب بولغان خوتۇنلار سەۋر قىلغان ۋە تۇرمۇش قۇرغان ئەھۋالدا ئەقىللىق ھەم قۇۋۋەتلىك بولغان ئەرلەر ھەر ئىشتا ئادىل بولمىغاندا بەكمۇ ئەيىپ ھېسابلىنىدۇ. خوتۇنلارغا شەپقەتلىك، مەرھەمەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇلاردىن ئۆتكەن سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىش لازىمدۇر. رەسۇل ئەكرەمدىن «سىزنىڭ ياخشى نىيەتتە بولغىنىڭىز-خوتۇنىڭىزغا ياخشى بولغىنىڭىزدۇر» دېگەن مەزمۇندىكى ھەددىس كۆچۈرۈلگەن. يەنە رەسۇل ئەكرەمدىن: «مۆئمىنلەر ئارىسىدا قانداق مۆئمىنلەرنىڭ ئىمانى كامىل بولۇر؟» دەپ سورىغاندا، «خوتۇنىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ » دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئەرلەر ئۆز ئائىلە-جەمەتلىرىگە نىسبەتەن پادىچىغا ئوخشايدۇ. ئوتلاقتا يۈرگەن ھايۋانلارغا پادىچى مەسئۇل بولغىنىغا ئوخشاش، ئائىلە-جەمەت ئىشلىرىدا بولىدىغان ئىشلارنى ئەرلەردىن سوراش، پىكىر ئېلىش زۆرۈردۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر خوتۇنلارنىڭ ئىچكى-تاشقى تەرەپلىرىنى يەنى كۆڭۈل-خاراكتېرىنى تەربىيىلىمەك، قائىدىگە چۈشۈرمەك، ئوچۇق چىراي ۋە ئوچۇق سۆز بولماق كېرەك.
بەزى ھەكىملەر (ئەھۋالنى توغرا بىلگۈچىلەر) دىن رىۋايەت قىلىنىشچە ئەھلىگە ئوچۇق چىراي بولمىسا، تېگىشلىك ۋاقىتتا مۇرەسسە قىلمىسا، ئول كىشىدىن تۇرمۇش لەززىتى كېتىپ قالىدۇ. بۇ تەجرىبە بىلەن ئىسپاتلانغان توغرا ھەقىقەتتۇر.
تۇرمۇش بەختلىك بولسۇن دەپ نىيەت قىلغان ھەر بىر كىشى ئۆز خوتۇنىنىڭ تەبىئىتى بىلەن ئۆز تەبىئىتىنى بىر ئورۇنغا قويۇپ، ئىككى تەبىئەتنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتىلىشى لازىمدۇر. ئاشۇنداق چارە-تەدبىرلىك ئەمەلىي خىزمەتلەرنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى ئارىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئىلىم-پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ بۇيرۇغان ۋە ئۆزلىرى ئىزچىل ئەمەل قىلغان ئادەت-ئىشلىرىغا ئەگەشمەك مۇناسىپتۇر. چۈنكى، ئەر بىلەن خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى تۇرمۇشنىڭ نازۇك قائىدىلىرىنى بايان قىلىپ ئېيتىلغان سۆزلەر ۋە يېزىلغان كىتابلار ھېسابسىز كۆپ بولۇپ، ئۆتمۈش تارىخىمىزنىڭ، ئۇزۇن ئەسىرلىك تەجرىبە-ساۋاقلىرىمىزنىڭ بۈيۈك يەكۈنىدۇر. شۇ جۈملىدىن مەشھۇر ئالىم، رەھمەتلىك پەقىر ئەبۇلەيس خوتۇنلارنىڭ ئۆز ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ: ئەرلەر ئۆز خوتۇنلىرىغا ھالال يېگۈزۈپ، ھالال ئىچكۈزۈپ، ھالال كىيىندۈرۈسۇن، ئۇلارغا جاپا ۋە زۇلۇم قىلمىسۇن، مۇبادا ئۇلار گەپ ئاڭلىمىسا، ئەدەپسىزلىك قىلسا، سەۋر قىلىپ، نەسىھەت قىلسۇن. ئۇلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسۈن، قىسمەنلىرىنى بولسا بىلمەسكە سالسۇن، دېگەنىدى.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى خوتۇنلار باشقۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۆي سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھەر كۈنى كۆپ قېتىم ئۇلارنىڭ مۇبارەك قوللىرىدىن ئۆتىدۇ. ئىشلىتىش جەريانىدا ئۇ سايمانلارنىڭ بەزىلىرى بولۇپمۇ قاچا- قۇچىلار سۇنۇپ ياكى بۇزۇلۇپ كېرەكتىن چىقسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەپسىزلەرچە غەزەپلىنىش ئەرلەرگە ئەسلا مۇناسىپ ئەمەستۇر. ئەرلەرمۇ خوتۇنلارغا ئوخشاش بو خىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن كۆپ سۇندۇرغان ھەم بۇزۇپ كېرەكتىن چىقارغان بولاتتى. شۇڭا، بۇنداق تاسادىپىيلىق چاغلاردا ئاياللارنى مۇتلەق ئەپۇ قىلىش لازىمدۇر. شىجائەتلىك ساھىبقىران ھەزرىتى ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇنداق دېگەن: «خوتۇنلار مېنى گۇناھتىن ساقلاشقا سەۋەبچى بولدى، ئۆيۈمگە كۆيۈنۈپ مېلىمنى باقتى، بالىلىرىمنى ئېمىتىپ، كىيىملىرىمنى يۇدى، تاماقلىرىمنى ئېتىپ، نانلىرىمنى يېقىپ، بالىلىرىمنى تەربىيلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلار سەۋەنلىك ئۆتكۈزسىمۇ كەچۈرىمەن». مادامىكى، سىزلەرنىڭمۇ خوتۇنلىرىڭىز شۇنداق بولمىسا، شۇنداق ئىكەن، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ پەزىلىتى ئەرلىرىمىزگىمۇ ئۈلگە بولۇشقا مۇناسىپتۇر ، ئەلۋەتتە.
ئاللاھ ئاتىڭىز نامىدىن قەسەم ئىچىشنى تەھقىقلەيدۇ.
خوتۇنلاردا ئەرنىڭ ھەققى كۆپتۇر. ئەرلەردە بولسا ئانىلارنىڭ ھەققى كۆپىرەكتۇر.
پۇلنىڭ خەيرىلىك ۋە ياخشىسى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئېھتىياجىغا سەرپ قىلىنغانلىقىدۇر.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 20-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايالنىڭ سەككىز تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلاپ نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىكى سۈ

ئادەتتە ئاياللار، ئەرلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى بەش يىرىنى سىيلاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن ئايالىڭىزنىڭ ياكى قىز دوستىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ ق

ئۇلار كىچىكىدىن بىرگە چوڭ بولۇپلا قالماي، ئۇلار ھەتتا ئايرىم-ئايرىم توي قىلىپ بالىلىق بولغاندىن كىيىنمۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆز-ئارا خوشنا كەلگەن ئىككى ئۆينى سېت

بەزى كىشىلەرنىڭ بىرەرسىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ، بىراق ئەگەر بىرەرسىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر مۇھەببى

كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئوماق كۆرۈنىدۇ. بىراق دۇنيادا شۇنداق بىر رەسسام بار؛ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى كۆپىنچىس

بالىلاردىكى يۇتقۇنچاقتىن تەتۈر يېنىش كىسەللىكى، كىلىنكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئالامەتلىرى بولسا، بالىلار ئىختىيارسىز ھالدا گېلىنى قىر

ھەرقانداق بىر قىزبالا، ئكزىنىڭ ئەڭ گۈزەل ۋاقىتىدا توي كىيىمى كىيىپ، ئۆمرىدىكى ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ياتلىق بولۇشنى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر چوڭقۇر مۇھەببە

بۇ بازاردا، %10تىن ئارتۇق ئايال قوشكىزەككە ھامىلدار بولىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە بالىلارنىڭ قوشكىزەك تۇغۇلۇش نىسبىتى، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋيىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغر

ئەمىلىيەتتە، ئاياللار بىر توي قىلىپ ئاجراشقان ئەر كىشى بىلەن توي قىلىشتىن بۇرۇن، تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشى كىرەك.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号