ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تۇخۇم كۆك پۇرچاق قورىمىسى جىگەرنى ياخشىلايدۇ
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-11-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تەييارلاش ئاسان ئەمما ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان، تۇخۇم كۆك پۇرچاق قورىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ قورۇما، ئۈچەي يوللىرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىپ سۈمۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. بۇندىن باشقا، بۇ قورۇمىنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا، جىگەر تازىلىغان زەھەرلەرنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەرنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
   كىتەرلىك ماتېرىيال: كۆك پۇرچاق(豆角)، تۇخۇم، تۇز، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   ئالدى بىلەن، كۆك پۇرچاقنى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كېيىن، كىچىك بۆلەك ھالىتىدە توغرىۋالىمىز؛ تۇخۇمنى قاچىدىن بىرنىڭغا چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز.
   كەينىدىن، قازاننى ئېسىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئۆسۈملۈك مېيى قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى سېلىپ قاتۇرۇپ، قاچىدىن بىرنىڭغا ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز؛ قازانغا يەنە ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، توغرالغان كۆك پۇرچاقنى سېلىپ قورۇيمىز؛ كۆك پۇرچاق قورۇلۇپ يۇمشىغاندا، قاتۇرۇپ ئېلىپ قويغان تۇخۇمنى سېلىپ، تۇز ۋە جىياڭيۇ قوشۇپ تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسسۇپ ئالساق بولىدۇ.
ئىستېمال قىممىتى
   كۆك پۇرچاق ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ساغلام كۆكتات بولۇپ، تۇخۇم بىلەن ئىنتايىن ماسلىشىدۇ. كۆك پۇرچاق تەركىبىدە ۋىتامىن، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار مول، شۇڭا قاننى قۇۋۋەتلەپ، ئۆت ۋە جىگەرنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، كۆك پۇرچاقنىڭ تالا ماددىسى تەركىبىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۈنۈملۈك ھالدا چوڭ تەرەتنى ھەيدەپ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   بۇ قورۇما، كىچىك بالىلارنىڭ يىيىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. تۇخۇم كۆك پۇرچاق قورىمىسىنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا، مېڭىگە لازىملىق بولغان ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە ئاقسىللارنى تولۇقلاشقا بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا، چوڭ مېڭىسى يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرىۋاتقان بالىلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ مېڭىسىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号