ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بانان پوستىدا قارا داغ پەيدا بولۇپ قالسا يەنە يېگىلى بولامدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-12-20 كۆرۈلىشى : قېتىم

   باناننى سېتىۋېلىپ ۋاقتىدا يەپ تۈگىتىپ بولالمىساق، ئۇنىڭ پوستىدا قارا داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ خىل داغنىڭ پەقەت بانانغىلا تەسىرى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق تەسىرى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىشقان باناندا ئاندىن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر بانان پوستىدا ئىنچىكە قارامتۇل بېغىررەڭلىك داغلار پەيدا بولغان بولسا، بۇ باناننىڭ پۈتۈنلەي پىشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ بۇنداق باناننىڭ تەمى ئەڭ ياخشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق پوستىدا قارامتۇل داغ پەيدا بولۇپ قالغان باناننى خاتىرجەم ئسىتېمال قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ، بۇ باناننى ئىستېمال قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت. لېكىن بۇنداق باناننىڭ بىر كەمچىلىكى بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ؛ ئەگەر باناندا قارامتۇل داغ كۆرۈلگەن بولسا، چوقۇم بىر ئىككى كۈن ئىچىدە يەۋىتىش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ. بىراق، بەزىدە باناننىڭ پوستىدا كۆپ ئۆزگىرىش يوق، ئەمما ئىچىدىكى مىۋە ئېتى قارىداپ قالىدۇ، بۇ باناننىڭ بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.
   بازاردا بەزى مېۋە سودىگەرلىرى، بۇ خىل بانانغا "كۈنجۈت بانان" دەپ نام قويۇۋالغان بولۇپ، ئۇنى بىر خىل ئالاھىدە سورت، تەمى بەك ياخشى دەپ ئاتىۋالىدۇ؛ بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، بىراق ھەرگىز راست دەپ ئويلاپ قالماڭ! بۇ پەقەت مېۋە سودىگەرلىرىنىڭ مېۋىنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن تېپىۋالغان گەپلىرىدۇر.
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بانان پۈتۈنلەي پىشقاندىن كېيىن، ئۇنى ساقلىماق تەس بولىدۇ، توشۇشمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. شۇڭا، ئادەتتە بانان 7ئۈلۈش پىشقاندىن كىيىنلا ئۈزۈپ، كەينىدىن سۈنئى ئۇسۇلدا پىشۇرىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇل، ئارىسىغا بىر نەچچە تال ئالما قوشۇپ قويسا، بانان ناھايىتى تېزلا پىشىدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، باناننىڭ رەڭگى ئالتۇن سېرىق رەڭدە ناھايىتى چىرايلىق، لېكىن ئېتى قاتتىق ھەم تەمى يوق بولسا، ئەمەلىيەتتە باناننىڭ پىشىش دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن ۋاقىتتا ئۈزۈۋىتىلگەنلىكتىن بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号