تاماقنىڭ چۈشەندۈرلىشى :
تاماقنىڭ ئىسمى : قېتىق تەملىك ئىتالىيە چۆپى .
ئىستىمال قىلىش يېشى : 7 ئايلىقتىن يۇقىرى ھەرقانداق بالىلارغا ماس كېلىدۇ .
كېرەكلىك ماتىرياللار : ئىتالىيە چۆپى 20 گىرام ، بۆلجۈرگەن ئاز مىقداردا، يېرىم تال بانان ، مۇۋاپىق مىقداردا قېتىق
قۇشۇمچە ماتىرياللار : قارا ئۆرۈك مۇۋاپىق مىقداردا ، زەيتۇن مېيى ئاز مىقداردا ، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا .
كېرەكلىك ئەسۋاپلار : ئادەتتىكى قازان ، چوكا .
2. ئىتالىيە چۆپىنى ئاۋال 15 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە سوغۇق سۇغا چىلاپ قۇيىمىز ، ئاندىن سۈزۈپ ئېلىپ قاينىتىپ پىشۇرىمىز .
3. بوش ئوتتا 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە قاينىتىپ پۇشۇرىمىز ، قازاننىڭ تۇۋىقىنى ياپمايمىز .
4. قازان قايناپ بولغىچە بىز تەييارلىۋالغان باناننى توغراپ تەييارلىۋالىمىز .
5. بۆلجۈرگەننى 5 مىنۇت سۇغا چىلاپ قۇيىمىز ، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ پاكىزە يۇيۇپ ، مۇۋاپىق چۇڭلۇقتا توغراپ تەييارلىۋالىمىز .
6. بانان بىلەن بۆلجۈرگەننى ئېزىپ قىيام ھالەتكە ئەكىۋالىمىز .
7. قارا ئۆرۈكنىمۇ پاكىز يۇيۇپ ، ئېزىپ قىيام ھالىتىگە ئەكىلىۋالىمىز ، بۇنداق بولغاندا ئوماقلىرىمىزنىڭ ھەزىم قىلىشى ناھايىتى ئاسان بۇلىدۇ .
8. پىشىپ چىققان ئىتالىيە چۆپىنى سوغۇق سۇدىن بىر ئۆتكۈزىمىز ، بۇنداق بولغاندا چۆپ تېخىمۇ تىرىك چىقىدۇ.
9. چۆپنى ئۇششاق قىلىپ توغرىۋالىمىز .
10. مانا ھەممىسى تۇلۇق تەييار بولدى .
11. ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۈستىگە قېتىقنى تۆكىمىز ، ئاندىن تەييارلىۋالغان بۆلجۈرگەننى ، ئاندىن باناننى سالىمىز ، ئەڭ ئاخىرىدا قارا ئۆرۈكنى سالىمىز . مانا ئوماقلىرىمىزنىڭ يەنە بىر ئامراق تامىقى تەييار بولدى .

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چوڭ مەسلە يوق، پەقەت ئىممونت

ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلا

نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەمىشە ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسساپ كىتىدۇ؛ لىكىن بەزى ھامىلدار ئاياللار، كىچىك تەرەت قىستاپ قېلىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.

ئۇزۇن مەزگىل ئەتىگەنلىك ناشتا قىلماي ئادەتلەنگەن كىشىلەرنىڭ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كىتىش خەتىرى، %87 ئېشىپ كىتىدۇ.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايتىقىلى بولىدىكەن.

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号