
گۈلسامساق پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
تونۇشتۇرۇلىشى :گۈلسامساق پىياز گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، گۈلسامساققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 70 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يەر ئاستىدىكى تەڭگىسىمان غولى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ئەتلىك، سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، يەر ئۈستى غولى بىر تال بولۇپ، تىك، سىلىق، تۈكسىز كېلىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياش مايسا ۋاقتىدا، ئايلانمىراق ئۆسىدۇ، سېپى بولمايدۇ، تېمىنىسىمان، تولۇق گىرۋەكلىك؛ گۈلى ئۇچىدا ياكى يوپۇرماقلىرىنىڭ قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى سۇس جىگەررەڭ، گۈل تاجى ياپراقچىسى ئارقىسىغا قايرىلىپ تۇرىدۇ؛ مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇزۇنىغا ئالتە تال قىرى بولىدۇ.
خۇسۇسىيىتى: ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىش، تىنچلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
دورىلىق قىسمى:گۈلسامساقنىڭ تەڭگىچە غولى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى:قۇرۇق ئىسسىق.
ئىشلىتىش مىقدارى:ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
گۈلسامساق ئۆسۈملۈكنى كۈز پەسلىدە يەر ئۈستىدىكى قىسمى سولىشىشقا باشلىغاندا كولىۋېلىپ، سىرتىنى ئاقلىۋېتىپ، پاكىز يۇيۇپ ياكى تەڭگچە غولىنىڭ تۈۋىنى ئازراق كېسىۋېتىپ، تەڭگىچە پارچىلىرىنى ئاجرىتىپ، قايناق سۇغا ئاق رەڭگى تۈگىگەنگە قەدەر بېسىپ، ئاندىن سۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن، خام پېتى ياكى ھەسەل بىلەن قوشۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆسۈش ئورنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ ئورمانلىقلىرى، چۆپلىك ۋە نەم، سايە يەرلەردە ئۆسىدۇ (تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ).
رېتسىپلار
گۈلسامساق ۋە چىلاننىڭ ھەربىرىدىن بىر تالدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. گۈلسامساقتىن 20 گرام، تەڭگىيوپۇرماقتىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، ئۇنىڭغا 35 گرام ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، كاناي ياللۇغى، يۆتەل، دەم سىقىلىش ۋە ئاۋاز پۈتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام گۈلسامساقنى 15 گرام سۆئلەپ، 61 گرام خام ئەگرىسۇنا، 12 گرام غاز ئوتى، 10 گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كانايچىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى ۋە قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلسامساقتىن 20 گرام، 18 گرام ئارچا مېغىزى، 12 گرام كەرمان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، قولنى توغرا ئۇسۇلدا يۇغاندا، %50-%30 كېسەللىك خەۋپىنى ئازايتىقىلى بولىدىكەن.

ئادەم تېنىدىكى ياغ ھۈجەيرىسىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ، بۇ دەل تېز سۈرئەتتە ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى تېز ئەسلىگە كېلىپ قىلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن بۇرۇن ئاتا-ئانىلار ئېغىزىدىن چىقارسا بولمايدىغان

ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گېزىتى"نىڭ 20-نويابىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ئايالنىڭ سەككىز تال پادىچىلار ئىشتىنى ئوغرىلاپ نەخ مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىكى سۈ

ئالدىنقى قىسىمدا، ۋىتامىنCنىڭ كۆپ خىل پايدىلىق تەرەپلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق؛ ئۇنداقتا ۋىتامىنC ھەممىگە قادىر دورا ھېسابلانمامدۇ؟ كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا كېسە

قارا قېرىنقولاق، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان چوڭ تىپتىكى ئىستېمال زەمبۇرۇغى بولۇپ، تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئېنېرگىيە مىقدارى ئىنتايى

سامساق، ئۆيدە كەم بولسا بولمايدىغان بىر خىل خۇرۇچ ماتېرىيالى بولۇپ، ھەر كۈنلۈك تاماق تەييارلاشتا ئىشلىتىمىز. بۇ سەۋەبلىك، نۇرغۇن كىشىلەر سامساق سېتىۋالغاندا بىر

چۆپ، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى؛ شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەممە ئادەم چۆپ يەپ باققان. لېكىن، ئۈستىگە خەت بېسىلغان چۆپنى سىز چوقۇ

نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە ھامىيلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيى؛
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号