ياڭاق ۋە سالامەتلىك

تەبىيتى :قۇرۇق ئىسسىق
ياڭاق تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئىشىلتىلىدۇ.
1.يۇقىرى قان بېسىمى:تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى،قاندا ماي مىقتارى ئېشىپ كىتىش كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى 10% تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.چۈنكى ياڭاق تەركىبىدىكى مول تويۇنمىغان ياغ كېسلاتالىرى خولىستىرىننى ھەيدەش رولىغا ئىگە بولغاندىن باشقا،ياڭاق تەركىبىدىكى سىنىكنىڭ قان پەيدا قىلىش رولى بار.ياڭاق تەركىبىدىكى خرومنىڭ قاندىكى قەنت ماددىسىنى تۆۋەنلىتىش،خولىستىرىننى ھەيدەش ۋە ماگىنىي بىلەن بىللە يۈرەك مۇسكۇللىرىنى چىڭىتىش رولى بار.ئۇنىڭدىن باشقا ياڭاق تەركىبىدە مول ۋىتامىن B6 بار بولۇپ،ئۇ يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنى يېڭىلاش ۋە يۈرەك نېرۋىلىرىنى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە؛ياڭاق تەركىبىدىكى يوپۇرماق كېسلاتاسى يۈرەكنىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.
2.مىڭە ۋە باھ ئاجىزلىقى
ياڭاق مەشھۇر مىڭە ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش ئوزۇقلۇقى بولۇپ،دائىم يەپ بېرىلسە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ،باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.ئادەمنىڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىگە ئوزۇق بولىدىغان فوسفورلۇق ياغقا ئىنايىن ئېھتىياجلىق،ياڭاق تەركىبىدە فوسفۇرلۇق ياغ ئىنتايىن مول.ياڭاق تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كېسلاتا چوڭ مىڭە قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ،قان تومۇرلارنى ئەۋرىشىم قىلىدۇ،نېرۋا خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ.ياڭاق تەركىبىدىكى ھەرخىل ياغ كېسلاتالىرى ھەرقانداق يىمەكلىكنىڭكىدىنمۇ كۆپ.ئۇنىڭدىن باشقا،ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە،ياڭاق تەركىبىدىكى يوپۇرماق قىزىل ماددىسىنىڭ چىشلارنى چىڭىتىش رولى بار ئىكەن.دىمەك ياڭاق تەننى ساغلاملاشتۇرۇپ،مىڭە ۋە باھنى قۇۋۋەتلەپ،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش،قېرىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق روللارغا ئىگە ناھايتى پايدىلىق يىمەكلىك.
3 .نەپەس سېستىمىسى كېسەللىكلىرى
ياڭاقنىڭ يۆتەل توختىتىش،زىققىنى داۋالاش رولى بار بولۇپ،ياشانغانلاردىكى سوزۇلما خاراكتىرلىق زىققىگە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
4.سۈيدۈك ئاجىرىتىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى
ياڭاق مېغىزىنى خام يەپ بەرگەندە سۈيدۈك ئاجىرىتىش سېستىمىسىدىكى تاشلارنى پارچىلاپ چۈشۈرىدۇ.
5.ھەر خىل ئۆسمىلەر
ياڭاق تەركىبىدە ناھايتى سۈپەتلىك 16% ئاقسىل بار بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 18 خىل ئامىنو كېسلاتاسى بار.ياڭاق مېغىزى تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان بىر خىل ئامىنو كېسلاتاسى بار بولۇپ،ئۇ ئۆسمىلەرنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ،راكقا قارىشى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرىنى چەكلەيدۇ؛ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى كاروتىن راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،راك پەيدا قىلىدىغان خېمىيىۋى ماددىلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى چەكلەيدۇ؛ياڭاق مېغىزىدا يەنە ماگىنىي ئېلمىنىتى بار بولۇپ،ئۇ بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى تازىلايدۇ.ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە،ياڭاقنىڭ يەنە راكنى داۋالاش رولىمۇ بار بولۇپ،ئاساسلىق يۇتقۇنچاق راكى،ئاشقازان راكى،ئاشقازان كىرىش ئېغىزى راكى،ئۆپكە راكى،تۇخۇمدان راكى،بالىياتقۇ بوينى راكى،قالقانسىمان بەز راكى،تېرە راقى قاتارلىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى روشەن ھالدا يەڭگىللىتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،يەنە ئۆسمىنى قىسمەن چەكلەش،قان زەردابىدىكى تىرانسئامىنازنى تۆۋەنلىتىپ،ئاق قان ھۈجەيرىلىرىۋە قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
6.قەۋزىيەت
ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى مول تويۇنمىغان ياغلار ئۈچەينى سىلىقلاپ،تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا،ياشانغانلاردىكى ماغدۇرسىزلىق ۋە قەۋزىيەتكە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
7.چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ،چاچ ئۆستۈرۈش
ئاق ئاقسىلنى كۈچەيتىپ،خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىدۇ؛ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى مىكرو ئېلمىنىتلار مىڭە پوستىلاق قەۋىتى ۋە ئىنسۇلىننىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ،ئۇلار ئادەم تىنىدىكى يۈز خىلدىن ئارتۇق مۇھىم ئېنىزىملارنىڭ بىرىكىشى ۋە نورمال ھەرىكىتىدەمۇھىم رول ئوينايدۇ؛ياڭاق مېغىزى تەركىبىدىكى ۋىتامىن E ھۈجەيرىلەرنى ياشارتىپ،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە جىنسى ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ.
ياڭاق تەركىبىدىكى مول فوسفورلۇق ياغلار ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ،ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ،تېرىنى يۇمىران ۋە سىلىق قىلىدۇ.يارا-جاراھەت ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،چاچ-ساقالنى ئۆستۈرىدۇ ۋە كۈچەيتىدۇ.
ياڭاق بىلەن كېسەل داۋالاش ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

بەزىلەر، ياش ۋاقتىدا زىيادە ياخشى ئادەمگە ئۇچرىماسلىق كىرەك، بولمىسا بىر ئۆمۈر تىنچىلىنالمايدۇ دەپ ئېيتىدۇ. چۈنكى، بەك بالدۇر ئۇچراتقاندا، ياخشى كۆرىشى چوڭقۇر بو

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ھەرقانداق بىر ئائىلىگە يىڭى بوۋاق قوشۇلغاندىن كىيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى بوۋاقنىڭ تىزراق ئۆسۈپ چوڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بوۋاققا ھەر جەھەتلەردىن ئىنچىكىلىك بىلەن

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇرغانلار مەڭگۈ بىلمەيدۇ، سىز

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چوڭ مەسلە يوق، پەقەت ئىممونت

ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلا

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇغۇ

نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەمىشە ئېغىزى قۇرۇپ ئۇسساپ كىتىدۇ؛ لىكىن بەزى ھامىلدار ئاياللار، كىچىك تەرەت قىستاپ قېلىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号