ئۇستاملارنىڭمۇ ئاز تولا سەۋەنلىك سادىر قىلىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، ئەگەر بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا قانداق قىلىش كىرەك؟ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالغاندىكى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى.
1. ئۇن ياكى گۈرۈچ قوشۇش
بىر پارچە پاكىزە دوختۇر داكىسى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئازراق ئۇن ياكى گۈرۈچ يۆگەپ شورپىغا سېلىپ قايناتساق، ئۇن ياكى گۈرۈچ شورپىدىكى تۇزنى سۈمۈرۋالىدۇ، شورپىنىڭ تەمىمۇ نورماللىشىدۇ.

2. پىششىق تۇخۇم قوشۇش
تۇخۇم تۇزنى بەك يەيدۇ، شۇڭلاشقا ئادەتتە تۇخۇم قورىغان ۋاقىتلىرىمىزدا، كۆكتاتلار تەمى ناھايىتى ياخشى، ئەمما تۇخۇم تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئەگەر شورپىنىڭ تۇز تەمى ئۆتۈپ كىتىپ تۇزلۇق بولۇپ قالغاندا، قازانغا پىششىق تۇخۇم قوشىۋەتسەك، تۇخۇم شورپىدىكى تۇزنى ئۆزىگە تارتىپ، شورپىنىڭ تۇز تەمىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

3. بەرەڭگە قوشۇش
شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالغاندا، بەرەڭگىنى پارچە قىلىپ توغراپ، بىر پارچە بىر پارچىدىن شورپىغا سالىمىز؛ بىرىنچى پارچىنى سېلىپ بىر مىنوت ساقلىغاندىن كىيىن تېتىپ باقىمىز، ئەگەر تۇز تېخىچە تەڭشەلمىگەن بولسا داۋاملىق ئىككىنچى پارچىنى سالىمىز... تاكى شورپىنىڭ تەمى تەڭشەلگىچە داۋاملاشتۇرىمىز. بەرەڭگە ئادەتتە ناھايىتى تۇز سۈمۈرۈشچان بولۇپ، شورپىنىڭ ئەسلى تەمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

4. قەنت قوشۇش
بىر تال قەنت سېلىپ، ئىرىشكە باشلىغان ھامان سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز، چۈنكى قەنتمۇ ئارتۇق تۇزنى سۈمۈرۋالالايدۇ؛ ئەگەر بىر قېتىمدا بولمىسا، داۋاملىق ئىككىنىچى ئۈچىنچى قېتىم تەڭشىسەك بولىدۇ.

5. پەمىدۇر ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمۇسى قوشۇش
قورۇما قورىغاندا ياكى شورپا قايناتقاندا تۇز تەمىنى ئۆتكۈزۈپ سېلىپ تۇزلۇق بولۇپ قالسا، مۇۋاپىق مىقداردا پەمىدۇر ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قوشۇۋەتسەك، تۇزلۇق تەمنى سۇسلاشتۇرىدۇ.


زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئەنگىلىيىلىك ئايال ئەيمىلى بۇ يىل 25ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تۆت بالىلىق بولغان؛ ئەمما بەخىتكە قارشى، ئۇنىڭ بىرىنچى بالىسى بىلەن تۆتىنچى بالسىى ك

بىر ئۆيگە نىسبەتەن، قېيىنئانا ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئايال خۇجايىن؛ كىلىن بولسا يىڭى بىر ئەۋلاد ئايال خۇجايىن. قانداق قېيىنئانا بولسا، شۇنداق كىلىن بولىدۇ. شۇڭا، ئائ

ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 14ياشلىق ئوغۇل بالا گران. تومسىن، ئالما Face Timeنىڭ يىتەرسىزلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، ئالما شىركىتىنىڭ 200مىڭ

ئايال كىشى، ئەگەر سىز خىزمەت قىلىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلىپ كۆرۈڭ!

شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، زۈرۈر بولغان ساۋاتلارنى

ھازىر، تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاللاش جەھەتتىمۇ، تەدر

بۇ يەردىكى قىز بالىلار 12ياشقا توشقاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بەدىنىگە نەقىش ئويۇشنى باشلايدىغان بولۇپ، پىچاق بىلەن ئۆز بەدىنىگە بىر پىچاق بىر پىچاقتىن سىزىپ جاراھەت ئى
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号