ئۇرۇقلاش، ھازىرقى جەمئىيەتتىكى قىزىق تىمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان ئۇرۇقلاش ئۇسۇللىرى بار؛ بەزىلەر چېنىقىش ئۆيلىرىگە بېرىپ چېنىقىدۇ، بەزىلەر پۇل تىجەش ئۈچۈن، تەبىئىي مۇھىتتا ئەركىن ھەرىكەت قىلىپ چېنىقىدۇ. لېكىن، مېنىڭچە يېمەكلىكنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۇرۇقلاش تېخىمۇ ئىشەنچىلىك ھەم ئاددىي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، دەل ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمى ياخشى بولغان كۆكتاتلارنىڭ بىرى؛ ئۇنىڭ سۇ تەركىبى كۆپ، سۈيدۈك ھەيدەپ بەدەندىكى مايلارنى ئىرىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
پۇرچاق ئۈندۈرمىسى بىلەن يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنى ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق، سەمىرىپ قالغان كىشىلەر توپىغا تولىمۇ ماس كىلىدۇ. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى تەركىبىدە يىرىك تالا ماددىلىرى مول بولۇپ، بەدەنگە سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى تېزلىتىپ، بەدەندىكى ئارتۇق زەھەرلىك ماددىلارنى ۋە ئەخلەتلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋىتىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى مايلارنى ئىرىتىپ، يوغاق قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىدۇ.
كىتەرلىك ماتېرىيال: پۇرچاق ئۈندۈرمىسى(豆芽)، يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەك(金针菇)، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى(生抽)، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى(老抽)، خاسىڭ مېيى(花生油)، تۇز
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەمدە: پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، سۈيىنى سارقىتىپ ئېلىپ قويىمىز. يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنىڭ يىلتىز قىسىمىنى كىسىۋىتىپ، داسقا سېلىپ پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، سۈيىنى سىقىۋىتىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
ئىككىنچى قەدەمدە: قازاننى ئېسىپ ماي قىزىتىپ، ئالدى بىلەن يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنى سېلىپ قورۇپ، سەككىز ئۈلۈش پىشقاندىن كېيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئېلىپ قويۇپ تۇرىمىز.
ئۈچىنچى قەدەمدە: قازاننى چايقىۋىتىپ، قايتا قىزىتقاندىن كېيىن ماي قۇيمايلا ئاۋۋال پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى سېلىپ قورۇۋالىمىز.
تۆتىنچى قەدەمدە: پۇرچاق ئۈندۈرمىسى يۇمشىغاندىن كېيىن، يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنى سېلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن ئازراق سۇ ۋە خاسىڭ مېيى قوشىمىز. ئەگەر يىڭنىسىمان گۈمبەمەدەكنى قورۇغان ۋاقىتتا ماي ئاز بولۇپ قالغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئازراق ئىستېمال مېيى قوشۇۋەتسەك بولىدۇ. ئاخىرىدا، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ رەڭ كىرگۈزگەن ۋە تەم تەڭشىگەندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئەنگىلىيىلىك ئايال ئەيمىلى بۇ يىل 25ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ تۆت بالىلىق بولغان؛ ئەمما بەخىتكە قارشى، ئۇنىڭ بىرىنچى بالىسى بىلەن تۆتىنچى بالسىى ك

بىر ئۆيگە نىسبەتەن، قېيىنئانا ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئايال خۇجايىن؛ كىلىن بولسا يىڭى بىر ئەۋلاد ئايال خۇجايىن. قانداق قېيىنئانا بولسا، شۇنداق كىلىن بولىدۇ. شۇڭا، ئائ

ئامىرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 14ياشلىق ئوغۇل بالا گران. تومسىن، ئالما Face Timeنىڭ يىتەرسىزلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، ئالما شىركىتىنىڭ 200مىڭ

ئايال كىشى، ئەگەر سىز خىزمەت قىلىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلىپ كۆرۈڭ!

شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، زۈرۈر بولغان ساۋاتلارنى

ھازىر، تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاللاش جەھەتتىمۇ، تەدر

بۇ يەردىكى قىز بالىلار 12ياشقا توشقاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بەدىنىگە نەقىش ئويۇشنى باشلايدىغان بولۇپ، پىچاق بىلەن ئۆز بەدىنىگە بىر پىچاق بىر پىچاقتىن سىزىپ جاراھەت ئى
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号