ئىشتىھانى ئاچىدىغان بۇ خىلدىكى تۇزلانغان كۆكتات تەييارلاشنى بىلىۋىلىڭ!
ياز كۈنلىرى ئەتىگەندە، ناشتىلىق ئۈچۈن بىر تەخسە تۇزلانغان كۆكتاپ بولسا ئادەمگە ناھايىتى يېقىشلىق بولىدۇ. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا ناھايىتى تەملىك كەلگەن، ئىشتىھانى ئاچىدىغان بىر خىل تۇزلانغان كۆكتات ئېلىپ كەلدۇق، ئۆيىڭىزدە تەييار قىلىپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال:
تەرخەمەك، قىزىلمۇچ، سەۋزە، يىڭى زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن، خاسىڭ مېيى، شېڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى، ئاق شىكەر
ئالدى بىلەن تەرخەمەكنى پاكىزە يۇغاندىن كىيىن، قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.


تەرخەمەكنى توغراپ بولغاندىن كىيىن، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېپىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ، 4-3 سائەت قويۇپ قويىمىز ھەم يېغىلىپ قالغان سۈيىنى تۆكىۋىتىمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن، بەك تۇزلۇق بولۇپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۇزنىڭ مىقدارىنى چوقۇم ياخشى كونتىرول قىلىڭ.

قىزىلمۇچىنى يۇيۇپ، ئۇششاق بەلدەپ توغرايمىز. قىزىلمۇچ چوقۇم سۈيى تۇلۇق قۇرىغان بولۇشى كىرەك.


زەنجىۋىلنى يۇيۇپ پوستىنى قىرىۋىتىپ ئۇششاق بەلدەپ توغرايمىز؛ سەۋزىنى يۇيۇپ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن، يۇغاندا يۇقۇۋالغان سۇلارنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇشنى ئۇنۇتماڭ! بۇ تەييارلىقلار تۆگىگەندىن كىيىن، توغرالغان كۆكتاتلارنى بىر قاچىغا سالىمىز.

مۇۋاپىق مىقداردىكى شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، لاۋچوۋ جىياڭيۇسى ۋە ئاق شىكەرنى قازانغا سېلىپ قاينىتىمىز؛ بۇندىن باشقا ئازراق كاۋاۋىچىننى قاينىتىپ مېيىنى چىقىرىپ، سۇۋىغاندىن كىيىن قازانغا سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرىمىز. چوقۇم سۇۋىغاندىن كىيىن ئارلاشتۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ!

ئارلاشتۇرۇلغان تېتىتقۇ شەربىتىنى قاچىدىكى كۆكتاتنىڭ ئۈستىگە تۆكۈپ، قۇرۇق چوكا بىلەن تەكشى قوچۇپ ئارلاشتۇرىمىز. بۇ ھالەتتە بىر ئاخشام قويۇپ قويساق ئىككىنچى كۈنى يىيىشكە بولىدۇ.



زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.

شۇڭلاشقا، ئىگىلىك تىكلەپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغاندا، ئىگىلىك تىكلىگۈچى، چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىشى ۋە ئانالىز قىلىشى، زۈرۈر بولغان ساۋاتلارنى

ھازىر، تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش بىلەن بىرگە، ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى تاللاش جەھەتتىمۇ، تەدر

بەزىلەر، ياش ۋاقتىدا زىيادە ياخشى ئادەمگە ئۇچرىماسلىق كىرەك، بولمىسا بىر ئۆمۈر تىنچىلىنالمايدۇ دەپ ئېيتىدۇ. چۈنكى، بەك بالدۇر ئۇچراتقاندا، ياخشى كۆرىشى چوڭقۇر بو

تۇخۇمنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئسىتىمال قىلىشنىڭ پايدىسىنى ۋە كۈندە ئاز دىگەندە بىر تال تۇخۇم يىيىش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ. بىراق، تۇ

ھەرقانداق بىر ئائىلىگە يىڭى بوۋاق قوشۇلغاندىن كىيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى بوۋاقنىڭ تىزراق ئۆسۈپ چوڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىپ، بوۋاققا ھەر جەھەتلەردىن ئىنچىكىلىك بىلەن

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇرغانلار مەڭگۈ بىلمەيدۇ، سىز

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چوڭ مەسلە يوق، پەقەت ئىممونت

ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلا
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号